ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى ھاماسقا تەۋە كۆزىتىش مۇنارى ھۇجۇم نىشانى قىلىندى.

879012
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رىفاھ شەھىرىنىڭ كۆزۈتۈش مۇنارىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

شاھىتلار ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رىفاھ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارغا تەۋە كۆزىتىش مۇنارىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئاۋىچاي ئادرې بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، غەززەدىن جۈمە كۈنى ئېتىلغان راكىتامىيۇتلارغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى ھاماسقا تەۋە كۆزىتىش مۇنارىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززەدىن ئېتىلغان 2 راكىتامىيۇتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تۆمۈر گۈمبەز ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە ئېتىلغان راكىتامىيۇتلارنىڭ ئىراندىن ياردەم ئېلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان ھارېتىز گېزىتىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان خەۋەردە بولسا، ئاۋىگدور لىبېرماننىڭ «ئىران غەززەدىكى رادىكال گۇرۇپپىلارغا راكىتامىيۇت ياردەم قىلىۋاتىدۇ» دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر