زوراۋانلىققا قارشى تىركىشىش ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

قۇددۇس زوراۋانلىققا قارشى تىركىشىش ھەرىكىتىنىڭ سىمۋول ئىسمىغا ئايلانغان فەۋزى جۇنىدى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋە تۈركىيە خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى.

877583
زوراۋانلىققا قارشى تىركىشىش ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتقۇنسىز ھالىتىدە سوتلىنىشى ئۈچۈن كاپالەت بەدىلىگە قويۇپ بېرىلگەن قۇددۇس تىرىكىشىش ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولى 16 ياشلىق فەۋزى جۇنىدى ئائىلىسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

جۇنىدى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، نازارەت  ئاستىدىكى ۋاقتىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ۋە ناچار مۇئامىلىسىگە  ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خەلىل شەھىرىگە قاراشلىق ۋادى تۇففاھ يولىدا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە پاتپاېراقچىلىقتىن قېچىپ بىر يېقىنىنىڭ ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇنىدى مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى مېنى تۇتقۇن قىلار – قىلمايلا  دۈشكەلەش ۋە دۇمبالاشقا باشلىدى، بەدىنىمنىڭ ھەممە يېرىگە ئۇردى، مېنى دەسسەپ چەيلىدى. نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالدى. ئاندىن ئۇلار مېنى باغلاپ مەن نەدىلىكىنى بىلمەيدىغان قاماقخانىغا تاشلىدى. شۇ چاغدا ۋۇجۇمدا قاناۋاتقان بولۇپ، ھەممە ئەزايىن قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى.»

قاماقخانىدىمۇ كۆزلىرى تېڭىلغان ھالەتتە ئۇرۇلغانلىقىنى، سوراق قىلىنىش جەريانىدىمۇ ئۈستىگە سوغۇق سۇ تۆكۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇنىدى، ئۆزىنى قوللىغان ھەممە كىشىگە، بولۇپمۇ تۈركىيە خەلقى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

پەلەسىتنلىك جۇنىدى 7 – دېكابىر كۈنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان خەلىل شەھىرىدە كۆپ ساندىكى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن كۆزلىرى تېڭىلغان ھالەتتە تۇتۇپ كېتىلگەن، بۇ كۆرۈنۈش ئاممىۋى تاراتقۇلارنى زىلزىلىگە سالغانىدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان راماللاھ شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئوفېر ھەربىي سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن جۇنىدىنى 10 مىڭ شېكېل كاپالەت پۇلى بەدىلىگە تۇتقۇنسىز ھالەتتە سوتلىنىشى توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2018 – يىلى 14 – يانۋار كۈنى قايتىدىن ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدىكەن.

خەلقئارا بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ پەلەسىتن شۆبىسى تۈنۈگۈن جۇنىدىنىڭ 7 – دېكابىر كۈنى قولغا ئېلىنىشىدىن كېيىنكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغانىدى.

تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نازارەت ئاستىدىكى ۋاقتىدا جۇنىدىنى ئۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە جۇنىدىنىڭ ۋۇجۇدىدا تاياق ئىزلىرىنىڭ بارلىقى ۋە ئوڭ مۈرىسىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر