رۇسىيەلىك ئۆكتىچى رۇسىيە خەلقىنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىردى

ئالېكسېي ناۋالنىي: «رۇسىيە ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بولىدىغان بىردىن بىر مەسىلە، سايلاملارغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆرۈنىشىدىن ئىبارەتتۇر. مەن پۈتۈن رۇسىيە خەلقىنى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن 28 -  يانۋاردا كوچىلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېد

877289
رۇسىيەلىك ئۆكتىچى رۇسىيە خەلقىنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالېكسېي ناۋالنىي رۇسىيە خەلقىنى كوچىلارغا چىقىپ، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.

ناۋالنىي يۇتۇب قانىلىدا ئېلان قىلغان ۋادېئوسىدا، رۇسىيەدە 2018 – يىلى 18 – مارتتا ئۆتكۈزىلىش ئالدىدا تۇرغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.

ئالېكسېي ناۋالنىي سايلامغا بېلەت تاشلاشنىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «رۇسىيە ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بولىدىغان بىردىن بىر مەسىلە، سايلاملارغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆرۈنىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا بۇ سايلامدا بېلەت تاشلاشنىڭ بىر مەنىسى يوق. بىردىنبىر تاللاش سايلامنى بايقۇت قىلىشتۇر. پۈتۈن رۇسىيە خەلقىنى بۇ بايقۇت قارارىنى قوللاش ئۈچۈن 28 -  يانۋاردا كوچىلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېدى. 

سايلام مەزكىزىي كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە جازاغا تارتىلغانلىقى سەۋەبىدىن سايلام قانۇنىغا بىنائەن كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىدا ئالدىنقى پىلاندا تۇرىدىغان شەخسلەردىن بىرسى بولغان بىلوگ يازغۇچىسى ۋە ئادۋۇكات ناۋالنىي 2014 – يىلى  ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر