ئىسرائىلىيە پەلەسىتنلىكلەرگە «ئۆلۈم جازىسى» بېرىشنى پىلانلىماقتا

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان پەلەسىتنلىكلەرگە «ئۆلۈم جازاسى» بېرىش قارارنامىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

875658
ئىسرائىلىيە پەلەسىتنلىكلەرگە «ئۆلۈم جازىسى» بېرىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىبېرمان ئىسرائىلىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەدىكى مەلۇم نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان پەلەسىتنلىكلەرگە «ئۆلۈم جازاسى» بېرىش قارارنامىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق قانۇن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىمۇ بار. شۇڭا ئىسرائىلىيەنىڭمۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دېموكراتىك تۈزۈمنى تاللىشى كېرەك. تۈرمىگە تاشلانغان ھەر بىر تېررورسىت تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە پۇقرالار ۋە ئەسكەرلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشقا تەشۋىق قىلماقتا.»

ئىگىلىنىشىچە، قارارنامىنىڭ قانۇنلىشىشى ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ ئۈچ ئولتۇرۇشىنىڭ ھەر بىرىدە تەستىقلىنىشى شەرت بولۇپ، «ئۆلۈم جازاسى» بولمىغان ئىسرائىلىيەدە جىنايەتچىلەر يۈزلەرچە يىللىق قاماق جازسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر