ئامېرىكىدىكى يادرولۇق قورال سىناقلىرىدا تەخمىنەن 695 مىڭ كىشى ئۆلگەن
پەقەت نېۋادا بۇلۇڭىدىلا 100 قېتىم يادرولۇق قورال سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان.
![ئامېرىكىدىكى يادرولۇق قورال سىناقلىرىدا تەخمىنەن 695 مىڭ كىشى ئۆلگەن](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/23b3/d68f/51f0/5912a057c4439.jpg?time=1719018469)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا 1951 – ۋە 1973 – يىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يادرو سىناقلاردا تەخمىنەن 695 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، پەقەت نېۋادا بۇلۇڭىدىلا 100 قېتىم يادرولۇق قورال سىنىقى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە كۆپ مىقداردا رادىئاتسىيە تارقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كېت مايېرس رادىئاتسىيەنىڭ ھەممىدىن بەك سۈت ۋە سۇت مەھسۇلاتلىرىغا سىڭگەنلىكىنى ئېيتتى.
كېت مايېرس يادرو سېنىقىغا چېتىشلىق ھالدا يۈز بەرگەن ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا سالغان زىيىنىنىڭ 2016 – يىلىدىكى ھېسابقا ئاساسلانغاندا، 1.17 تىرىليون بىلەن 2.63 تىرىليون دوللار ئەتراپىدا بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نېۋادا بۇلۇڭىدىكى يادرولۇق قورال سىناقلىرىنىڭ 1992 – يىلىغا قەدەر داۋاملاشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.