بۈگۈنمۇ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يۈزلەرچە پەلەستىنلىك ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

874500
بۈگۈنمۇ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يۈزلەرچە پەلەستىنلىك ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلدى.

بەيتۇللاھىم شەھىرىگە يىغىلغان پەلەستىنلىكلەر ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار ئىچىدە «نىئول بوۋاي»دەك ياسىنىۋالغانلارمۇ بار بولۇپ،  ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ھەققىي ۋە پىلاستىك ئوقلاردىن سىرت ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.

بەزى نامايىشچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىدىن يارىلاندى،  يارىلانغانلار ئىچىدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى  فوتو-سۈرەت مۇخبىرى ھىشام ئەبۇ شەگرانىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر