ئىسرائىلىيە UNESCO دىن چېكىنىدۇ
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلىگە ئىسرائىلىيەنىڭ (UNESCO) دىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.
874305
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «‹ Yedioth Ahronoth › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېتېنياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ كېلەر يىلى UNESCO دىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى توغرۇلۇق ئىسرائىلىيەنىڭ UNESCO دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كارمېل شاما ھاكوھېنغا يوليورۇق چۈشۈرگەن.
UNESCO 2016 – يىلى 18 – ئۆكتەبىر كۈنى قارار ماقۇللاپ، قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسانىڭ يەھۇدىيلىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىغانىدى.
نېتېنياھۇ 2017 – يىلى ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «ئامېرىكىنىڭ قارارىغا ماس ھالدا UNESCO دىن چېكىنىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇش كېرەك» تەرىقىسىدە يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.