ترامپ قارارىغا قارشى بېلەت تاشلىغان دۆلەتلەرنى جازالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە بۈگۈن مۇزاكىرە قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان قۇددۇس قارار لايىھەسىنى قوللىغۇچى دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان «ماددىي ياردەملەرنى توختىتىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

872689
ترامپ قارارىغا قارشى بېلەت تاشلىغان دۆلەتلەرنى جازالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقسارايدا چاقىرىلغان 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ترامپ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان قۇددۇس تېمىلىق بېلەت تاشلاش توغرىسىدا توختىلىپ، قارار لايىھەسىنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان دۆلەتلەرگە ماددىي ياردەم قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «بىزدىن يۈز مىليونلارچە، ھەتتا مىلياردلارچە دوللار ئېلىشىدۇ، ئارقىدىن بىزگە قارشى بېلەت تاشلىشىدۇ. بېلەت تاشلاشنى ياخشى كۆزىتىمىز، تىزىمغا ئالىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ، «تۈنۈگۈن نىككى (ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي) نىڭ، ب د ت دا پۇللىرىمىزنى ئېلىپ، ئارقىدىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىزگە قارشى بېلەت تاشلىغان ياكى ئومۇمىي كېڭەشتە بىزگە قارشى بېلەت تاشلاش ئېھتىمالى بار دۆلەتلەرگە يوللىغان ئۇچۇرىنى ياقتۇردۇم. بىزدىن يۈز مىليونلارچە، ھەتتا مىلياردلارچە دوللار ئېلىپ، ئارقىدىن بىزگە قارشى بېلەت تاشلىماقتا. شۇڭا بۇ ئاۋازلارنى تەقىب قىلىمىز. ئۇلارنى بىزگە قارشى بېلەت تاشلىغىلى قويايلى، بىزمۇ نۇرغۇن (پۇلنى) تېجەپ قالغان بولىمىز. خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمايدۇ» دېدى.

ھېلېينىڭ بۈگۈن (پەيشەنبە) ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى باشقا دىپلوماتلارغا ئېلخەت يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى بېلەت تاشلىماسلىقلىرى توغرىسىدا يېپىق ھالەتتە ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ ئېلخەت ئۇچۇرىدا، «بېلەت تاشلاشنى ئويلىغىنىڭىزدا، پىرېزىدېنتنىڭ ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ بېلەتنى خۇسۇسىي بىر مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلىشىڭىزنى خالايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلىشى دىققەتنى تارتقانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، مىسىر تەرىپىدىن 15 ئەزالىق ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان قۇددۇس قارار لايىھەسىنى رەت قىلغان بىردىنبىر دۆلەت بولغان ۋە بۇ ئەھۋال، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە قۇددۇس قارارىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەنىدى.

ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارى ئاۋازغا قويۇلىدىغان بۈگۈنكى يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 193 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر