ئامېرىكىلىق دائىمىي ۋەكىلنىڭ دىپلوماتلارغا تەھدىت خاراكتېرلىك ئېلخەت يوللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېينىڭ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىغا تەھدىت خاراكتېرلىك ئېلخەت يوللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

872304
ئامېرىكىلىق دائىمىي ۋەكىلنىڭ دىپلوماتلارغا تەھدىت خاراكتېرلىك ئېلخەت يوللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېينىڭ، پەيشەنبە (ئەتە) كۈنىدىكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇددۇس مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنىدىن ئىلگىرى، باشقا دىپلوماتلارغا ئېلخەت يوللاپ،ئامېرىكىنىڭ قارارىغا قارشى بېلەت تاشلىماسلىق توغرىسىدا يېپىق تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«تاشقى سىياسەت» ناملىق تور بەت تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن ئېلخەتتە، نىككى ھېلېينىڭ ب د ت نىڭ باشقا ئەزالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «بېلەت تاشلاشنى ئويلىغىنىڭىزدا، پىرېزىدېنتنىڭ ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ بېلەتنى خۇسۇسىي بىر مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلىشىڭىزنى خالايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلىشى دىققەتنى تارتتى.

دۆلەتلەرنىڭ، ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارىتا تاشلىغان بېلەتلىرىنىڭ پىرېزىدېنت ترامپقا دوكلات قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھېلېي، ئېلخەتلەردە، «پىرېزىدېنت ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىنى يېقىندىن تەقىب قىلىدۇ ۋە مەندىن بىزگە قارشى بېلەت تاشلىغان دۆلەتلەرنى دوكلات قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى. بۇ ھەقتە بارلىق بېلەتلەرنى خاتىرىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

نىككى ھېلېينىڭ ئېلخەتلەردە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسنى يۆتكىشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى، بىراق، بۇنىڭ «شۇنداق بولۇشى كېرەك بولغان ئىش ئىكەنلىكى» نى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، مىسىر تەرىپىدىن 15 ئەزالىق ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان قۇددۇس قارار لايىھەسىنى رەت قىلغان بىردىنبىر دۆلەت بولغان ۋە بۇ ئەھۋال، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە قۇددۇس قارارىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر