ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىش سىياسىتى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىش سىياسىتى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى.

871299
ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىش سىياسىتى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ئىشخانىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا بەرپا قىلغان قانۇنسىز تۇرالغۇ جايلار توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا 8000غا يېقىن تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىشنى پىلانلاپ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قانۇنسىز تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشلىرى تاماملانغان تەقدىردە كەلگۈسىدە 30مىڭدەك كۆچمەن يەھۇدىنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇسقا ماكانلىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، كەلگۈسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايونلاردىكى ساقچى پونكىتلىرىنى قانۇنلۇق ھالەتكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، كۆپلەپ تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىدىغانلىقى، پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئۆزىنىڭ زېمىنى ئېلان قىلىۋالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.  

دوكلاتتا شەرقىي قۇددۇستا 208 مىڭ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 399 مىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن يەھۇدىينىڭ ياشاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ ، ئىسرائىىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدا قانۇنسىز زېمىن بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى ۋە  خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسىتىگىمۇ زىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر