ئىسپانىيە پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلدى
ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا 2 مىليون ياۋرو ياردەم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق پەلەستىنلىك مۇساپىرلار ياردەم ئورنىغا 2 مىليون ياۋرو ياردەم قىلدى.
ب د ت گە قاراشلىق پەلەستىنلىك مۇساپىرلار ياردەم ئورنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئىسپانىيە خەلقئارا ھەمكارلىق ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئورگىنىمىزنىڭ مۇساپىرلارنى قوغداش، سەھىيە، ياردەم ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلىش ئۈچۈن 2 مىليون ياۋرو ياردەم قىلدى. »
باياناتتا 2 مىليون ياۋرونىڭ 5 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك مۇساپىرلار بىلەن ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلار ئورنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رايونلاردا ياشاۋاتقان 500مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ تەلىم-تەربىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى 2007-يىلدىن بۇيان ب د ت گە قاراشلىق پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم ئورنىغا 94 مىليون 400 مىڭ ياۋرو ياردەم قىلغان.