ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا پويىز ۋەقەسى يۈز بەردى

ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا پويىز رېلىستىن چىقىپ، ئاسما كۆۋرۈكتىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە پويىزدىكى ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

871679
ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا پويىز ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون ئىشتاتى پىيېرس رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى پويىز ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ۋەقەنىڭ دۇپونت شەھىرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە يارىلانغانلار ئىچىدە تۆت كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پويىز شىركىتىنىڭ باشلىقى رىچارد ئاندېرسون مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ، رېلىسلاردا پويىز سۈرئىتىنى كونترول قىلىدىغان سىستېمىنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش جەريانىدا ئىشلىمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رىچارد ئاندېرسون يولۇچىلار پويىزىدا 78 يولۇچى ۋە بەش نەپەر پويىز خادىمى، ئىككى پاراۋۇز ۋە جەمئىي 12 ۋاگوننىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋاشىنگتون ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى ۋاگون رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.

دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كېڭىشى ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن 20 كىشىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر