پېنسنىڭ كېچىكتۈرۈلگەن ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ كېچىكتۈرۈلگەن ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

871439
پېنسنىڭ كېچىكتۈرۈلگەن ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، زىيارەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى يېڭى باج قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جەريان» نىڭ سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن رايوندا باش كۆتۈرگەن نارازىلىقلار تۈپەيلى مايك پېنسنىڭ 19 – دېكابىردا باشلىنىدىغان مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە زىيارەتلىرىنى كېچىكتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

مايك پېنسنىڭ مىسىردىن كېيىن ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىسرائىلىيە پارلامېنتى كنېسسېتتە سۆز قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ترامپنىڭ 6 – دېكابىردا قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، 19 – دېكابىردىكى زىيارىتىدىن ئىلگىرى «خالانمايدىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس قاتارلىق پەلەستىنلىك ئەمەلدارلارنىڭ پېنس بىلەن ئۇچرىشىش پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

بۇنىڭدىن سىرت مىسىردىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى شەيخى ئەھمەد ئەتتەييىب ۋە مىسىر قىبتى چېركاۋى باشلىقى پوپ ئىككىنچى تاۋادروسنىڭمۇ پېنس بىلەن كۆرۈشۈش پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى جاكارلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر