ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى يەنە راست ئوق ئىشلەتتى
ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستا پارتلىغان نامايىشلاردا راست ئوق ئېتىپ، 33 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.
![ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى يەنە راست ئوق ئىشلەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/520f/f39a/9e21/5a3381b8e7275.jpg?time=1718695057)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 6-دېكابىر ئىمزالىغان قۇددۇس قارارىغا بولغان نارازىلىقلار داۋام قىلماقتا. ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن قۇددۇستا ترامپنىڭ قارارىغا قارشى نامايىش قىلغان پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىپ راست ئوق چىقاردى.
قۇددۇستا ترامپنىڭ قارارىغا قارشى جىم ئولتۇرۇۋېلىش نامايىشى ئۇيۇشتۇرغان پەلەستىنلىكلەرمۇ، ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىدىن قۇرۇق قالمىدى. ۋەقەلەردە، بەش پەلەستىنلىك راست ئوق بىلەن، 28 پەلەستىنلىك پلاستىك ئوق بىلەن يارىلاندى، 114 پەلەستىنلىك ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرى ئاتقان گازدىن زەھەرلىنىپ جېنىدىن ئايرىلىپ قىلىشقا تاس قالدى.
بۈگۈنگىچە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، غەززە ۋە قۇددۇستا پارتلىغان نامايىشلاردا تۆت پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى.
ترامپنىڭ قارارىغا قارشى نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان پەيتلەردە، ماراكەشتە ئەرەب دۆلەتلىرى پارلامېنت كېڭىشى جىددىي توپلىنىپ، ترامپنىڭ قارارىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس ۋە قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانى «تىنچلىق قوغدىغۇچىسى» بولۇش رولىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/4013/5ea5/18f0/653a1165d84d0.jpg?time=1718695058)
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.