ئامېرىكا تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانسىنى پات يېقىندا يۆتكەپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى پات يېقىندا يۆتكەپ بولالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
868414
![ئامېرىكا تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانسىنى پات يېقىندا يۆتكەپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e2c7/ad41/4b68/5a1e49235d284.png?time=1719031770)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش ئىشىنى دونالد ترامپنىڭ ھاكىمىيەت دەۋرىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تېزلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس، ئۈچ يىلغىچە ئىشقا ئېشىشى ناتايىن.»
ئاقساراي مەسئۇللىرىمۇ ئۆتمۈشتە بۇنداق ئىشلارنىڭ 5 يىلدا ئاران ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى، شۇڭا تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى يۆتكەش ئىشىغىمۇ ئەڭ ئاز 4 -3 يىل كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.