ئامېرىكا: سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى، بىراق بىز...

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى ھەققىدە توختالدى.

867519
ئامېرىكا: سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى، بىراق بىز...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى ھەققىدە توختىلىپ، «ئەگەر رۇسىيە چېكىنسە، بۇ ئۇلارنىڭ تاللىشى، ئەمما، بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە دۆلەتتە مۇقىملىق ئورنىتىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نائۇئېرت كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا بايانات بەردى؛ ئۇ، پۇتىننىڭ رۇس ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «تولىمۇ قىزىقارلىق؛ رۇسىيە سۈرىيەدىكى ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتى، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ سۈرىيەدىكى ئىشلىرىمىز تۈگىمىدى. <بىز> دېگەندە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى، بارلىق ئىتتىپاقداش كۈچلەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن. دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىدىكى جايلار بار، دۆلەت (سۇرىيە ) تە مۇقىملىق ئورنىتىلىشى كېرەك. ئەگەر رۇسىيە چېكىنىدىغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ تاللىشى، ئەمما، بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە دۆلەتتە مۇقىملىق ئورنىتىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ھېئىتېر نائۇئېرت، ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇ يورك ژۇرنىلىدىكى بىر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئامېرىكا، سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن 2021 – يىلىغىچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى بويىچە كېلىشتى» دېگەن ئۇچۇرلار توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدە جەنۋە سۆھبەت مۇساپىسىنى تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئەسەد بار، دەپ قارىمايمىز. بۇ، سۇرىيە خەلقى چىقىرىدىغان بىر قارار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر