ئاۋسترالىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئستېپا بەردى

ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە – ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سام داستيارى، خىتاي مەنبەلىك سىياسىي ئىئانىلەر ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلى شەكىللەنگەن بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

866583
ئاۋسترالىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا – سانائەتچى خۇاڭ شىياڭماۋدىن ئىئانە قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى سىياسەتلىرىنى قوللىغان سۆزلىرىنىڭ ئاۋاز لېنتىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن داستيارى، كۈچىيىپ كەتكەن بېسىملارنىڭ پارتىيەسىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، پارلامېنت ئەزالىقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سام داستيارى سېدنىيدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «بۈگۈن، ئۆزۈم ئويلىنىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئىشچىلار پارتىيەسىگە قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى خىزمىتىمنىڭ 2018 – يىلى فېدېراتىپ پارلامېنتقا قايتماسلىق بولىدىغانلىقىغا قارار قىلدىم» دەپ ئىستېپاسىنى ئېلان قىلدى.

سېدنىيدىكى ئارا سايلاملاردا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان پارتىيەسىنىڭ ئۆزى يۈزىسىدىن خورىتىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سام داستيارى، «ئىشچىلار پارتىيەسىنى ياخشى كۆرىمەن. ئاۋسترالىيەنىڭ ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلىمەن. مېنىڭ خۇسۇسىي ئەھۋالىمنىڭ بۇ ئېھتىماللىقنى خەۋپكە ئىتتىرىشىگە يول قويمايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىشچىلار پارتىيەسى باشلىقى بىل شورتېنمۇ داستيارىنىڭ توغرا قارار چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ، «داستيارى ياخشى، ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە سادىق بىر ئاۋسترالىيەلىك، تەسىرى كۈچلۈك بىر پالاتا ئەزاسى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دۆلىتىمىزگە قىممەتلىك تۆھپىلىرىنى قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر