ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى: پەلەستىنلىكلەر تاشلايدىغان بارلىق قەدەملەرنى قوللايمىز

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار بارلىق قارارلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

866606
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى: پەلەستىنلىكلەر تاشلايدىغان بارلىق قەدەملەرنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 6 – دېكابىردىكى قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلغان قارارىغا قارشى پەلەستىنلىكلەرنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەبۇ غەيت، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشۈپ، ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

ئەھمەد ئەبۇ غەيت ئۇچرىشىشتا، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ترامپنىڭ قارارىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ترامپنىڭ قارارىغا قارشى بارلىق قارارلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر