ئابباس چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قۇددۇس توغرۇلۇق كۆرۈشتى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى ئابباس دونالد ترامپ ۋە ۋىلادىمىرپۇتىن بىلەن قۇددۇس توغرۇلۇق كۆرۈشتى.

862043
ئابباس چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قۇددۇس توغرۇلۇق كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس قۇددۇس توغرۇلۇق پەيدا بولغان تالاش-تارتىشلار توغرۇلۇق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسلىك ئىدارىسى باياناتچىسى نەبىل ئەبۇ رۇدەينە ترامپ بىلەن ئابباسنىڭ كۆرۈشۈشى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافادا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، كۆرۈشۈشتە ترامپنىڭ مەھمۇد ئابباسقا ئامېرىكىنىڭ تېل-ئاۋىۋدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان.

نەبىل ئەبۇ رۇدەينە  باياناتىدا ئابباسنىڭ ترامپقا قۇددۇس مەسىلىسىدە تاشلىنىدىغان ھەر بىر قەدەمىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە ئېغىر زىيان بېرىشتىن سىرت رايون ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەبۇ رۇدەينە باياناتىدا مۇنداق دېدى: «دۆلەت رەئىسى ئابباس يەنە بىر قېتىم ئەرەب تىنچلىق پىلانى ۋە خەلقئارا قارارنامىلەرنىڭ روھىي بويىچە پايتەختى شەرقىي قۇددۇسسىز پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.»

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس پۇتىن بىلەنمۇ «ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى»توغرۇلۇق پەيدا بولغان قاراشلار توغرۇلۇق كۆرۈشتى.

كىرمېلدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا پۇتىن ئابباس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەسىلىلىرى ۋە قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق كېلىپ چىققان تالاش-تارتىشلار ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشتە يەنە مۇنداق دېگەنلىكى قەيت قىلىندى: «رۇسىيە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى بولۇپ باشقا تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەر  توغرۇلۇق بىۋاستە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشىنى خالايدۇ.»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ توغۇرلۇق بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەنىڭ غەربىي قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە شەرقىي قۇددۇسنىڭ بولسا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولۇشى لازىملىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر