سەئۇدى ئەرەبىستان چىرىكلىككە چېتىشلىق 376 كىشىنىڭ بانكا ھېسابلىرىنى توڭلاتتى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېڭى قۇرۇلغان چىرىكلىككە قارشى كۈرەش كومىتېتى، نازارەتكە ئېلىش، مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە باشقا زۆرۈر بولغان رەسمىيەتلەرنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

862264
سەئۇدى ئەرەبىستان چىرىكلىككە چېتىشلىق 376 كىشىنىڭ بانكا ھېسابلىرىنى توڭلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تەپتىش مەھكمىسى چىرىكلىك سەۋەبىدىن نازارەتكە ئېلىنغانلار بىلەن ئۇلارغا چېتىشلىقى بولغان 376 كىشىنىڭ بانكا ھېسابلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باش مۇپەتتىش شەيخ سۇئۇد مۇجىب ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان چىرىكلىككە قارشى كۈرەش كومىتېتى تەرىپىدىن سوراققا چاقىرىلغان كىشى سانىنىڭ 320 گە يەتكەنلىكىنى، بۇلاردىن بەزىلەرنىڭ تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللانغانلىقىنى ۋە ھازىرغا قەدەر نازارەتكە ئېلىنغانلار سانىنىڭ 159 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كېلىشىمنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نازارەتكە ئېلىنغانلار ۋە ئۇلار بىلەن چېتىشلىقى بولغان 376 كىشىنىڭ بانكا ھېسابىنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

باش مۇپەتتىش شەيخ سۇئۇد مۇجىب سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق شەكىلدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىرىنچىسى، مۇزاكىرلىشىش ۋە كېلىشىم. چىرىكلىككە قارشى كۈرەش كومىتېتى خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قارار ماقۇللايدۇ. بۇ باسقۇچنىڭ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئاخىرىلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. نازارەتكە ئېلىنغانلار بۇ باسقۇچتا خالىغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ. چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشى كېلىشىمنى قوبول قىلمىسا، ياكى جىنايىتىنى رەت قىلسا، باش تەپتىشكە يوللىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ تەپتىشكە يوللانغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ» دېدى.

چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈش ۋە سوت قىلىش جەريانىدا ئادۋوكات ياللاشقا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ھەق – ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن شەيخ سۇئۇد مۇجىب، نازارەتكە ئېلىنغانلارنى ھېچ بىر شەكىلدە قىيىن -قىستاققا ئالىدىغان ئىش يوقلۇقىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇل ئەزىز تەرىپىدىن 4 – نويابىردا ئېلان قىلىنغان پادىشاھلىق قارارنامىسى بىلەن تەڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەش كومىتېتى قورۇلۇشى قارارلاشتۇرۇلغان ئىدى.

چىرىكلىككە قارشى كۈرەش كومىتېتى، نازارەتكە ئېلىش، مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە باشقا زورۈر بولغان رەسمىيەتلەرنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، كومىتېتنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە پادىشاھ سەلماننىڭ ئوغلى تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان تەيىنلەنگەن ئىدى.

كومىتېت قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا باشلانغان چىرىكلىكنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، پادىشاھ مۇھاپىزەتچىلىرى باشلىقى شاھزادە مۇتەب بىن ئابدۇللاھ ۋە مىلياردىر سودا - سانائەتچى شاھزادە ۋەلىد بىن تەلال قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شاھزادىلار، مىنىستىرلار ۋە كارخانىچىلار نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر