فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيەسى تېررولۇق تەشكىلاتى ئېلان قىلىندى

فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قوراللىق كۈچى بولغان يېڭى خەلق ئارمىيەسى «تېررورلۇق تەشكىلاتى»ئېلان قىلىندى.

862254
فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيەسى  تېررولۇق تەشكىلاتى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قوراللىق كۈچى بولغان يېڭى خەلق ئارمىيەسىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى»ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنتلىق ئىدارسى باياناتچىسى ھاررىي روكې پىرېزىدېنت دۇتېرتېنىڭ فىلىپپىننىڭ شىمالىدا يىللاردىن بۇيان قوراللىق ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان كوممۇنىستىك تەشكىلاتنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى»ئېلان قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

روكې بۇنىڭ تەشكىلاتنىڭ رەسمىي چەكلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك قانۇنىي مۇساپىنىڭ تۇنجى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ناۋادا بۇ قارارنامە قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان تەقدىردە ئەبۇ سەييافتىن كېيىن فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈستىدىمۇ تېرررىزىمغا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىسىغا ئاساسەن تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىشقا بولىدىكەن.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر دۇتېرتېنىڭ قارارنامىنى ئىمزالىشىنىڭ فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دېموكراتچىلار فىرونتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى بىكار قىلىۋەتكەنىدى.

فىلىپپىندە كوممۇنىست تېررورچىلار 1969-يىلدىن بۇيان تېررورلۇق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولسا، 2016-يىلى دۇتېرتېنىڭ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشىدىن كېيىن تەرەپلەر تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانىدى.

نورۋېگىيەنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرمەسلىكى، كوممۇنىست تېررورچىلارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارغان ھۆكۈمەت قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن بۇ يىل توختاپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر