سەئۇدى ئايروپىلانلىرى يەمەن پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى بومباردىمان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى بومباردىمان قىلدى.

861391
سەئۇدى ئايروپىلانلىرى يەمەن پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادا سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى بومباردىمان قىلدى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈرەشچى ئايروپىلانلار سەنئانىڭ ئەت-تاھىر مەھەللىسىدىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيى بولۇپ شىئە ھۇسىيلارغا تەۋە  نۇرغۇن ئورۇننى بومباردىمان قىلغان.

شاھىتلار يەنە ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ تۇنجى قېتىم پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، بومباردىمان سەۋەبلىك ئەتراپتىكى ئىش ئورۇنلىرى ۋە ئۆيلەرنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ سەنئانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەس-سەبىن رايونىدىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى 6 قېتىم، پايتەختنىڭ مەركىزىدىكى ساقچى مەكتىپى بىلەن ساقچى مەمۇرلار كۇلۇبىنى بولسا 2 قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ ئارىلىقتا يەنە شىئە ھۇسىيلار يەمەننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھىغا قاراشلىق قىسىملار بىلەن ئەل-ھاييۇ ئەس-سىياسى رايونىدا توقۇنۇشۇپ، بۇ رايوننى تارتىۋالغان.

شاھىتلار سابىق پىرېزىدېنت سالىھىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن شىئە ھۇسىيلارنىڭ ئەل-ھاييۇ ئەس-سىياسى رايونىنى تارتىۋالغانلىقىنى ۋە رايوندا توقۇنۇشنىڭ توختىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

سالىھىنى قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەردىن بىر ھەربىي ئەمەلدار سالىھىنىڭ جىيەنى گېنېرال تارىق مۇھەممەد ئابدۇللا سالىھىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر