كالىفورنىيەدە دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ئامېرىكىغا قاراشلىق  كالىفورنىيە ئىشتاتىدا دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

861446
كالىفورنىيەدە دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاراشلىق  كالىفورنىيە ئىشتاتىدا دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، ھازىرغىچە ئىككى ئۆينىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقى،  ئاپەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش ۋەقەسىدە  بىر ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە  600 دەك ئۆينىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.   

خەۋەرلەردە ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭمۇ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى، ئاپەت رايونىغا ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

 بىراق سائەتلىك تېزلىكى 70 كىلومېتىر بولغان شامال ئوتنى كونترول قىلىشتا قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا.

ئوت ئاپىتىنىڭ 30 مىڭ نوپۇسى بولغان سانتا پاۋلا شەھىرىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

رايوندا يەنە پات-پات توك توختاپ كېتىۋاتقانلىقىمۇ ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر