ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانېۋىرى باشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ھازىرغىچە كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلىدى.

860945
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانېۋىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا 6 دانە F-22 ۋە 18 دانە F-35 بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 230 ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتناشتۇرۇلىدۇ. مانېۋىردا ئامېرىكىنىڭ 12 مىڭ ئەسكىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ 4 مىڭ ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ئۆتكەن ھەپتە قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان شىمالىي كورېيە، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ رايوننى يادرو ئۇرۇشىنىڭ گىرۋىكىگە كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر