ئەرەب ئىتتىپاقى قۇددۇس توغرىسىدا مۇھىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ

ئەرەب ئىتتىپاقى ئەتە (5-دېكابىر) ئامېرىكانىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ.

860948
ئەرەب ئىتتىپاقى قۇددۇس توغرىسىدا مۇھىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئامېرىكانىڭ تېل ئاۋىۋ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چاقىرىق قىلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تېل ئاۋىۋ ئەلچىخانىسىنى يۆتكەش قارارىنى ئالتە ئاي ۋاقىتلىق توختىتىش قارارىنىڭ ۋاقتى كېلەر ھەپتە ئاخىرلىشىدىكەن.

خەۋەرلەردە، ترامپ 1995-يىلدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇننى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ ئولتۇراستىن، قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ تونۇيدىغان ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش توغرىسىدا قارار چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى ساندېرس بۇ توغرىدا قارار قىلىشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ كۇيىئوغلى ۋە مەسلىھەتچىسى جېرىد كاشنېرمۇ ۋاشىنگتوندىكى بىر تەتقىقات مەركىزىدە قىلغان سۆزىدە، پىرېزىدېنتنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئېنىق قارار چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر