پادىشاھ سەلماننىڭ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتراك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

5-، 6 – دېكابىر كۈنلىرى كۇۋەيتتە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇدنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

860655
پادىشاھ سەلماننىڭ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتراك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھەيئىتى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كۇۋەيتكە يېتىپ كەلگەن؛ سەيشەنبە ۋە چارشەنبە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندا، پادىشاھ سەلمان سەئۇدى ئەرەبىستان ھەيئىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.

مەنبەلەر، يىغىنغا 6 پارس قولتۇقى دۆلىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىشتىراك قىلىدىغان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا، پارس قولتۇقى ئەللىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ روشەن مېخانىزملىرىنى بېكىتىپ چىقىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

رىياد دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات بەرمىدى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئال سانىمۇ كۇۋەيتتە چاقىرىلىدىغان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭمۇ 5-، 6 – دېكابىردا چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كۇۋەيت دىپلوماتىيە مەنبەلىرى، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئالاقىدار تەكلىپنامىلەرنىڭ پارس قولتۇقى ئەللىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين دائىرىلىرىنىڭ 5 – ئىيۇندا قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىشى پارس قولتۇقى ئەللىرىدە كىرىزىس پەيدا قىلغان، كۇۋەيت بولسا، بۇ كىرىزىستا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر