ياپونىيە ئىمپېراتورىنىڭ تەختتىن چۈشۈش ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى

ياپونىيە تېلېۋىزىيە قانىلى - NHK، باش مىنىستىر شىنزو ئابېنىڭ «ئىمپېراتور ئاكىخىتونىڭ 2019 – يىلى 30 – ئاپرېلدا تەختتىن چۈشىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

859074
ياپونىيە ئىمپېراتورىنىڭ تەختتىن چۈشۈش ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ 83 ياشلىق ئىمپېراتورى ئۆتكەن يىلى خەلقكە خىتاب قىلىپ، ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئىمپېراتور ئاكىخىتو، ئاتىسى ئىمپېراتور خىروخىتو 1989 – يىلى 7 – يانۋاردا ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، 55 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغانىدى.

ئاكىخىتو تەختتىن چۈشكەن تەقدىردە ئورنىغا 57 ياشلىق ئوغلى تەخت ۋارىسى شاھزادە نارۇخىتونىڭ ئولتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئاساسىي قانۇنلۇق خانلىق تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ياپونىيەدە خەلق، ئىمپېراتورنىڭ ياپون خەلقى نامىدىن بەزى مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەجدادلار مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان شىنتو ئېتىقادىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىمۋولى، دەپ قارىلىدىغان ئىمپېراتور، ياپون خەلقىنىڭ بىرلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ياپونىيەدە تەخت ۋارىسى شاھزادە 2 مىڭ يىلدىن بۇيان ئاتىدىن بالىغا ئۆتۈپ كەلمەكتە. ھۆكۈمدارلىقنىڭ ئايال مەنسۇپلىرى خەلق ئارىسىدىن بىرى بىلەن ئۆيلەنگىنىدە، خانلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر