ترامپ بەھرەين تەخت ۋارىسى شاھزادىسىنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا بەھرەين تەخت ۋارىسى شاھزادىسى سەلمان بىن ھەمەد ئەلخەلىفەنى قوبۇل قىلدى.

859009
ترامپ بەھرەين تەخت ۋارىسى شاھزادىسىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن بەھرەين تەخت ۋارىسى شاھزادىسى ئەلخەلىفەنىڭ ئۇچرىشىشىدا نۇقتىلىق ھالدا ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

ترامپ ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا قىسقىلا بايانات بېرىپ، بەھرەين بىلەن پات ئارىدا پەرقلىق ساھەلەر بويىچە 9 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئارىمىزدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈچلۈك مۇناسىۋەت بار، بۇ مۇناسىۋەت تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بەھرەين تەخت ۋارىسى شاھزادىسى ئەلخەلىفەمۇ، ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ «ئىنتايىن مۇھىم بىر زىيارەت» ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىتتىپاق ۋە خەلقلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن ترامپ بىلەن ئەلخەلىفە ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

بەھرەين تەخت ۋارىسى شاھزادىسى ئەلخەلىفە تۈنۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر