ئامېرىكا تېررورچىلارغا ياردەم قىلغان قوراللارنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دائېشنى تەلتۆكۈس مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بەزى ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

857254
ئامېرىكا تېررورچىلارغا ياردەم قىلغان قوراللارنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتىك سۈرىيە قىسىملىرى د س گ غا بېرىلگەن ئاپتوموبىللار ۋە ئېغىر قوراللارنى يىغىۋېلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پولكوۋنىك روب ماننىڭ تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ  سورىغان سوئاللىرىغا قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

بىر مۇخبىرنىڭ «تارقىتىلغان قوراللارنى يىغىۋېلىش باسقۇچىمۇ بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «نىيىتىمىز نۇقتىلىق تەھدىتلەر يوقالغاندىن كېيىن، چوڭ تىپلىق  ھەربىي ئاپتوموبىللارنى ۋە ئېغىر تىپلىق ياكى كەسپىي خادىملار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنى يىغىۋېلىشتۇر» دېدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭمۇ مەيداندا قوراللارنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلۋاتقانلىقىنى كۆزىتىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكا ياردەم قىلغان گۇرۇپپىلارنىڭمۇ ياردەمنىڭ ئالدىنقى ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە، جەنۋە قائىدە - پىرىنسىپلىرى ۋە قوراللىق توقۇنۇش قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

«مىنىستىر ماتتىس ئېيتقاندەك، جەنۋە مۇزاكىرەلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن د س گ غا قورال ياردەم قىلىۋاتامسىلەر؟» دېگەن سوئالغىمۇ جاۋاب بەرگەن باياناتچى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە دائېشنى تەلتۆكۈس مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بەزى ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىانىڭ د س گ غا قىلىۋاتقان ياردىمىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى

باياناتتا، ياردەمنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەندى، بىراق تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر