ئامېرىكا قىسمى تالىبان مەسىلىسى ھەل بولغىچە ئافغانىستاندا تۇرىدۇ

ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال جون نىكولسون تالىبان مەسىلىسى ھەل بولغىچە ئافغانىستاندا تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

857756
ئامېرىكا قىسمى تالىبان مەسىلىسى ھەل بولغىچە ئافغانىستاندا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسمىنىڭ قوماندانى گېنېرال نىكولسون ئافغانىستاندىن ۋىدېئو ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا يولغا قويغان جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى غولى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان ھاۋا قىسىملىرىنىڭ تالىباننىڭ 10 دانە ئەپىيۇن ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ئۈچ كۈنلۈك ھەربىي ھەرىكەتتە ئافغانىستاننىڭ 215-قىسمى، ئالاھىدە قىسىم ۋە ھاۋا قىسمى، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ياردىمىدە، تالىباننىڭ تەخمىنەن 7 مىليوندىن 10 مىليون دوللار قىممىتىدە بولغان ئەپىيۇننى بىر تەرەپ قىلدى. تالىباننىڭ كونتروللۇقىدا بولغان زەھەرلىك چېكىملىك تورىنىڭ 48 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئەسلىھەلىرىنى يوقاتتى. بۇندىن كېيىنمۇ تالىباننىڭ پۇل-مۇئامىلە مەنبەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىنىدۇ.»

ئۇ يېڭى جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى رامكىسىدا، ئامېرىكا بىلەن ناتونىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ ئۆزئارا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ۋاقىتتىن بەكرەك، شەرت-شارائىتقا باغلىق ئىكەنلىكىنى، تالىبان مەسىلىسى ھەل بولغىچە تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ، ئارمىيەنىڭ تالىبانغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن ئافغانىستاندىكى تېز ئۆزگىرىشنىڭ ئافغانىستان ئارمىيەسىگە پايدىلىق بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ھاۋا ياردىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى، 2017-يىل يانۋار ئېيىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا ئاتقان بومبا سانىدا ئۈچ ھەسسە كۆپىيىش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ئىراق بىلەن سۈرىيەدە دائېشقا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەش قىلغان ئامېرىكا ھاۋا قىسمىنىڭ ئۇ يەرلەردىكى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندا ئافغانىستانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ن ب س (NBC) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئافغانىستاندىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر