چەت ئەلدىكى فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى ئىش تاشلىدى
چەت ئەلدىكى فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ راسخوت قىسقارتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىش تاشلىدى.
![چەت ئەلدىكى فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى ئىش تاشلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d634/51fe/0f4e/5a1d087536bc8.jpg?time=1718656905)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ راسخوتىنى قىسقارتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن دۇنيا مىقىياسىدىكى 500دىن ئارتۇق فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورنى ئىش تاشلاشنى قارار قىلدى.
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق ئورۇنلارغا بېرىلىدىغان راسخوتتىن 33 مىليون قىسقارتىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭغا قارىتا فىرانسىيە ئوتتۇرا سەۋىيەلىك تەلىم-تەربىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 137 دۆلەتتىكى فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى دەرس توختىتىدۇ.
500دىن ئارتۇق فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورنىدا 350مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى تەلىم ئېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن چاقىرىقتا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى نەتىجىسىدە بۇ مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشسىسىز قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئۇيۇشمىنىڭ چاقىرىقىدا يەنە فىرانسىيە سىرتىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىلىدىغان راسخوت مىقدارىنىڭ %10نىڭ قىسقارتىلىشىنى مەزمۇن قىلغان بەلگىلىمە بىلەن ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىلدا 500 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشتىن چىقىرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
فىرانسىيە تاراتقۇلىرى تۈنۈگۈن باشلىغان ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى فىرانسۇز تەلىم-تەربىيە ئاگېنتلىقىدا ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقلىرىنى خەۋەر قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/4013/5ea5/18f0/653a1165d84d0.jpg?time=1718656906)
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.