مىسىردا جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

ئارىش شەھىرىنىڭ غەربىدىكى جامەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئادەم بومبا ئۆزىنى پارتلاتقاندىن كېيىن، تېررورچىلار 4 ئاپتوموبىل بىلەن كېلىپ، جامەدىن قېچىشقا تىرىشقان جامائەتنى ئوققا تۇتقان ئىدى.

854752
مىسىردا جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ ئارىش شەھىرىدىكى ئەل راۋداھ جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 305 كە ۋە يارىدارلارنىڭ سانى 128 گە ئۆرلىدى.

سىنا يېرىم ئارىلىدىكى ئەل راۋداھ جامەسىگە تۈنۈگۈن جۈمە نامازى ئوقۇلۇۋاتقان پەيتتە ھۇجۇم قىلىنغان ئىدى.

ئارىش شەھىرىنىڭ غەربىدىكى جامەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئادەم بومبا ئۆزىنى پارتلاتقاندىن كېيىن، تېررورچىلار 4 ئاپتوموبىل بىلەن كېلىپ، جامەدىن قېچىشقا تىرىشقان جامائەتنى ئوققا تۇتقان، ھەتتا ھۇجۇمدىن كېيىن رايونغا يېتىپ بارماقچى بولغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

ھۇجۇم جەريانىدا جامەدە نۇرغۇن ساندا ئەسكەرلەرنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھۇجۇم سەۋەبىدىن مىسىردا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.  

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر