ياۋروپا پارلامېنتى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تېررورچىلار ۋەكىللىرىنىڭ پارلامېنتقا كىرىشىنى چەكلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە DHKP-C نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىكى كىشى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا كىرىشىنى مەنئى قىلدى.

853340
ياۋروپا پارلامېنتى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تېررورچىلار ۋەكىللىرىنىڭ پارلامېنتقا كىرىشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا يوللانغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى ئانتونىئو تاجانىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە ئىسمى بار بارلىق كىشى، گۇرۇپپا ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا كىرىشىنىڭ مەنئىي قىلىنىشى توغرىسىدىكى تەكلىپى بىردەك قوبۇل قىلىنغان.

بۇ قارار دائىرىسىدە، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تىزىملىكىدىكى گۇرۇپپا ۋە ئورگانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلماسلىقى ياكى ياۋروپا پارلامېنتى بىنالىرىغا كىرىشىنى قولايلىق يارىتىپ بەرمەسلىكى تەلەپ قىلىندى.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۇ خىل كىشى، گۇرۇپپا ۋە تەشكىلاتلارنى كۆرۈنۈشلەر ياكى ياۋروپا پارلامېنتى تەۋەلىكىدىكى باشقا پائالىيەتلەر ئارقىلىق تونۇتۇشقا بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە، گۇمانلىق ئەھۋاللارنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئۇقتۇرۇشنىڭ قوشۇمچە سەھىپىسىدىكى تىزىملىكتە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە DHKP-C نىڭ ئىسىملىرى ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، كىشى ئىسىملىرى تىزىملىكىدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلەرگە كۆپلەپ ئىشتىراك قىلىدىغان ياۋروپا مەسئۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى ئورۇن ئالمىدى.

پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى جەمئىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ياۋروپا پارلامېنتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

ئەنقەرە، 2016 – يىلى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر كۆرگەزمىگە تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالاننىڭ رەسىملىرىنىڭ قويۇلۇشىنى ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر