شىمالىي كورېيە چېگرادىكى ئەسكەرلىرىنى ئالماشتۇرماقتا

شىمالىي كورېيەنىڭ چېگرادىكى ھەربىي قىسىمغا مەسئۇل قوماندان ۋە پىشقەدەم ئەسكەرلەرنى جازاغا تارتىلىش ئېھتىمالىي بارلىقىن بىلدۈرۈلدى.

853720
شىمالىي كورېيە چېگرادىكى ئەسكەرلىرىنى ئالماشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە بىر ئەسكىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە قىچىپ كېتىشى ۋە بۇ جەرياندا سەپداشلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلىشىدىن كېيىن، چېگرادىكى ئەسكەرلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى يونھاپنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسى مەسئۇلىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيەلىك بىر ئەسكەرنىڭ ئالدىنقى ھەپتە جەنۇبىي كورېيەگە قېچىش جەريانىدا سەپداشلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ يارىدار بولۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، چېگرادىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ئىستىخبارات ئىدارىسى مەسئۇلى باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىنى ئالماشتۇرغانلىقىغا دائىر مۇلۇمات تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. چېگرادىكى ھەربىي قىسىمغا مەسئۇل قوماندان ۋە پىشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ بولسا جازاغا تارتىلىش ئېھتىمالىي بارلىقىنى ئېيتتى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر