شىمالىي كورېيەدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ چەكلەندى

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى ھاراق شاراپلىق ۋە مۇزىكىلىق بولغان بارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ چەكلەندى.

851651
شىمالىي كورېيەدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئۇن ھاراق-شاراب ۋە مۇزىكىلىق بولغان بارلىق پائالىيەتلەرنى چەكلىۋەتتى.

بۇ چەكلىمىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان يېڭى ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنىپ چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ خەلقئارانىڭ بارلىق نارازىلىقلىرىغا قارىماي بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلىپ يادرو قوراللىرىنى ياساشنى داۋاملاشتۇرۇشى سەۋەبلىك ئىقتىسادىي ئېمبارگولار قويۇلدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى مۇنداق دەپ بايانات بەردى: «پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى ھاراق-شاراب، مۇزىكىلىق بولغان ھەر قانداق پائالىيەت ۋە كۆڭۈل-ئېچىش سورۇنلىرىنى چەكلىدى،  مەلۇمات سىرتىكى ھەر قانداق ئىشقا بولغان نازارەت كۈچەيتىلدى.»

شىمالىي كورېيە خەلقى نۆۋەتتە ئېغىر بېسىم ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

چەت ئەلگە چىقىش چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان بۇ دۆلەتتە خەلقنىڭ پاراڭلىرى ئوغرىلىقچە ئاڭلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ مەلۇماتى سىرتىدىكى بارلىق ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىگە ئىگە بولغۇچىلار  بولسا قاتتىق جازالىنىدۇ.

قەھەتچىلىكنىڭمۇ زەربىسىگە ئۇچرىغان بۇ دۆلەتتە 5 ئاي ئىلگىرى پىيوڭياڭ پىۋا فېستىۋالى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەنىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسى شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىدىكى ئالىي رەھبەرلەرنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيە پىرىنسىپىلىرىغا سادىق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي –كېڭەش سېپىدە ئېلىپ بېرىلغان نازارەت خىزمىتى دائىرىسىدە جازالاندۇرۇغانلىقىنى بىلدۈردى.

جازالاش شەكلى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسى مەسئۇللىرى شىمالىي كورېيەنىڭ«ئالەم قاتنىشى پىروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»نامى ئاستىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىشارەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر