ئامېرىكا ياۋروپاغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى ھوشيار بولۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇپمۇ تەتىل مەزگىللىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ياۋروپا ساياھەتلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

849494
ئامېرىكا ياۋروپاغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى ھوشيار بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «(ياۋروپاغا بارىدىغان) ئامېرىكا پۇقرالىرى تەتىل، بايرام ۋە پائالىيەتلەردە ھوشيار بولۇشى كېرەك. بۇ ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى 2018 – يىلى 31 – يانۋاردا ئاخىرلىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، يېقىنقى مەزگىللەردە فىرانسىيە، رۇسىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە ۋە فىنلاندىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ دائېش ۋە ئەلقائىدە دېگەندەك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياۋروپادىمۇ سادىر قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مىنىستىرلىقنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھۇجۇملاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتىدا يەنە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بەزى تېررور يانتاياقلىرى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئاشقۇنلىشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

تېررورچىلارنىڭ قورال، پارتلاتقۇچ ماددا ۋە ئاپتوموبىل دېگەندەك ھەر خىل ھۇجۇم ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ساياھەت ئورۇنلىرى، قاتناش تۈگۈنلىرى ۋە سودا – سېتىق مەركەزلىرى بىلەن بىرلىكتە مېھمانخانا، كۇلۇب، رېستوران، ئىبادەتخانا، باغچە ۋە كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە پائالىيەتلەرنىڭ ھۇجۇمچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ئېھتىمالى بار جايلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر