سەئۇدى ئەرەبىستان – ئىيوردانىيە قوشما مانېۋىرى ئاخىرلاشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان – ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدىكى «يەرمۇك 2» ناملىق قوشما مانېۋىر ئاخىرلاشتى.

849063
سەئۇدى ئەرەبىستان – ئىيوردانىيە قوشما مانېۋىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاممان باش ئەلچىخانىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىيوردانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يەرمۇك 2» ناملىق قوشما مانېۋىر ئاخىرلاشقان.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شىمالىي رايونى قوماندانى فەھد بىن ئابدۇللاھ ئەلماتىر قوشما مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ «ئەرەب رايونى» دا تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «بوران - چاپقۇن زەربىسى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق قوشما مانېۋىرلارنىڭ ھەربىي كۈچنى زورايتىش ھەمدە ئوفىتسېرلارنىڭ ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، قوشما مانېۋىردىن تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە چاقماق تېزلىكىدە تاقابىل تۇرۇش، قىيىن ئۆتكەللەرنى تېزلىك بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈش، تېز قارار بېىش، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە ئارمىيەلەر ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش نىشان قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر