«شىمالىي كورېيە يانار تاغ بىلەن ئامېرىكىنى يوق قىلىۋەتمەكچى»

ئامېرىكىلىق مەشھۇر سۇيىقەست نەزىرىيەچىسى ۋە يازغۇچى دېيۋى مېد شىمالىي كورېيەنىڭ يېللوۋسىتون يانارتېغىنى يادرو بومبىسى بىلەن«ئويغىتىپ»ئامېرىكىنى يوق قىلىش پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

847795
«شىمالىي كورېيە يانار تاغ بىلەن ئامېرىكىنى يوق قىلىۋەتمەكچى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق مەشھۇر سۇيىقەست نەزىرىيەچىسى ۋە يازغۇچى دېيۋى مېد شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكىنى ۋاشىنگىتون ئىشتاتىدىكى يېللوۋسىتون يانارتېغىنى يادرو بومبىسى بىلەن«ئويغىتىپ»ئامېرىكىنىڭ يوق قىلىش پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئېكسپېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دېيۋى مېد ھېدروگىن بومبىسى بولغان شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يانارتاغنى «ئويغىتىش»ئۈچۈن قايسى خىلدىكى يادرو ئوق بېشى كېتىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەقسەتتە شىمالىي كورېيەدىكى پېكتۇسان يانارتېغى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

ئۆزىنىڭ داۋاملىق تەھدىتكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان مېد، خۇسۇسىي كومپىيۇتېرىنىڭمۇ بىر نەچچە قېتىم ۋىرۇس ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇيىقەست نەزىرىيەچىسى ۋە يازغۇچ دېيۋىد مېد ئىلگىرى سۈرگەن قاراشلىرىنى قۇۋەتلەيدىغان دەلىللەرنى ھازىر ئەمەس، پات يېقىندا نەشىردىن چىقىدىغان يېڭى كىتابىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن تەپسىلىي ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يېللوۋسىتون خەلق باغچىسىدىكى يانارتاغ پارتىلغان تەقدىردە رايوندىكى 87 مىڭ ئادەم ئۆلىدىكەن، ئامېرىكا زېمىنىنىڭ ئۈچتە ئىككىسى ئاتموسفېراغا تارقىلىدىغان ۋالقانسىمان چاڭ-توزان ۋە «يادرو قىش»تەسىرى  بىلەن كارغا كەلمەس ھالەتكە كېلىپ قالىدىكەن.

دېيۋىد مېد بۇ يىل ئۆكتەبىردە نىبىرۇ ناملىق پىلانېتانىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇپ يەر شارىنى يوق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر