«خەلقىنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن بىزنى تاشقى دۈشمەن قىلىپ تاللىدى»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن رۇسىيەنى تاشقى دۈشمەن قىلىپ تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.

847736
«خەلقىنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن بىزنى تاشقى دۈشمەن قىلىپ تاللىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا ئەنگلىيەنىڭ قىيىن مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن خەلقىنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن رۇسىيەنى تاشقى دۈشمەن قىلىپ تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.

زاھاروۋا بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېينىڭ رۇسىيەنى «خەلقئارا تەرتىپكە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش بىلەن»ئەيىبلىشىگە جاۋاب بەردى.

مېينىڭ رۇسىيەنى ئەيىبلىگەن باياناتىنىڭ «مەسئۇلىيەتسىزلەرچە» ۋە «ئاساسسىز»بولغانلىقىنى ئېيتقان زاھاروۋا، خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش پىكىرىنى ئەنگلىيە كابېنتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەنىڭ ئىراق ۋە لىۋىيەدە خەلقئارا قانۇننىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق بولمىغان،  مىليونلارچە ئىنسانغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەن ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقىغا زىيان ئېلىپ كەلگەن قىلمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ.»

ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشى ۋە ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنۈش خەۋپى سەۋبىدىن ناچار مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان زاھاروۋا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خەلقىنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن تاشقى دۈشمەنگە ئېھتىياجى بار ئىدى، شۇڭا رۇسىيەنى تاشقى دۈشمەن قىلىپ تاللىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر