يىلدىرىم ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىسھاق جىنھانگىر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
846902
![يىلدىرىم ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/cc80/b65a/934f/5a0a8c5f8f5a1.jpg?time=1719039114)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىلدىرىم ئالدىنقى كۈنى ئىران – ئىراق چېگراسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ۋە ھەر ئىككى دۆلەتكە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ئىران پۇقرالىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن.
بۇنداق مۇسىبەتلىك كۈنلەردە ھەمىشە ئىراننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، بۇنداق ئاپەتلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېھتىياج تۇغۇلغان ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ ھەمەشە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
جىنھانگىر بولسا باش مىنىستىر يىلدىرىمغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە ئېھتىياج تۇغۇلغان ئەھۋالدا تۈركىيەگە بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.