ئەنگلىيە رۇسىيەنى دۇنياغا تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي رۇسىيەنىڭ خەلقئارا تەرتىپكە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

846967
ئەنگلىيە رۇسىيەنى دۇنياغا تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي رۇسىيەنى خەلقئارا تەرتىپنى تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

لوندون پۇل-مۇئامىلە مەركىزىنىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى زىياپىتىدە سۆز قىلغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى  تېرېسا مېي  رۇسىيەنىڭ خەلقئارا تەرتىپكە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تېرېسا مېي رۇسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا بىر قىسم غەرب دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملارغا ئارىلاشقانلىقىنى،ھەتتا دۆلەت ئورگانلىرىغا سىبەر  ھۇجۇملارنى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باش ۋەزىر تېرېسا يەنە رۇسىيەنىڭ دۆلەت تاراتقۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا زىيان سېلىش ئۈچۈن يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنمۇ ئىلگىرى سۈردى.

ئەنگلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن تېرېسا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋىرىگە قايتىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

باش ۋەزىر تېرېسا زۆرۈر تېپىلسا ھەربىي چارىلەرنىمۇ قوللىنىشتىن يانمايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر