«ترامپ پۇتىندىن قورقۇۋاتىدۇ» دېگەن سۆزگە رۇسىيەدىن جاۋاب

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پىسكوۋ تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ شۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇنىڭ تولىمۇ خاتا بىر تەخمىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

847353
«ترامپ پۇتىندىن قورقۇۋاتىدۇ» دېگەن سۆزگە رۇسىيەدىن جاۋاب

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىندىن قورقۇۋاتىدۇ» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA»نىڭ سابىق دىرىكتورىغا رۇسىيە جاۋاب قايتۇردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پىسكوۋ ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA» نىڭ سابىق دىرىكتورى جون بىرېنناننىڭ «ترامپ پۇتىندىن قورقۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن باياناتىنىڭ ئىنتايىن خاتا بولغانلىقىنى ئېيتتى.

دىمىترىي پىسكوۋ تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ شۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، «بۇ تولىمۇ خاتا بىر تەخمىن» دېدى.

ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA» نىڭ سابىق دىرىكتورى جون بىرېننان ترامپنىڭ «ئامېرىكىدىكى سايلاملارغا رۇسىيە مۇداخىلە قىلدى» دېگەن سۆزلەرگە بەرگەن ئېنىقلىمىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «دونالد ترامپ پۇتىن تەرىپىدىن قورقۇتۇلغان بولۇشى ۋەياكى سۈرۈشتۈرۈلسە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان نەتىجىلەر تۈپەيلىدىن پۇتىندىن قۇرقۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن»» دېگەن تەخمىنىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر