يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادا مىڭلارچە ئادەم سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

846453
يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادا مىڭلارچە ئادەم  قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا  بولۇپ يەمەندىكى بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

شىئە ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ پارتىيەسى بولغان ئومۇمىي خەلق پارتىيەسىنىڭ تارمىقىدىكى «ئالىي سىياسىي كېڭىشى»نىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، پايتەخت سەنئاغا يىغىلغان مىڭلارچە ئادەم، ب د ت  ئىشخانىسىغا يېقىن جايدىكى ئەس-سىتتىن كوچىسىدا ئۇچرىشىپ خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋېتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشتا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن باياناتتا خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشىغا قارىتا شىئە ھۇسىيلارنىڭ تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ تولىمۇ مۇۋاپىق بولغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «مۇھاسىرنى كۈچەيتىش يەمەن خەلقىنى قورقۇتالمايدۇ ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ.»

شىئە ھۇسىيلارنىڭ 4-نويابىر شەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا بالىستىك راكېتامىيوت قويۇپ بېرىشىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى دۈشەنبە كۈنى يەمەندىكى ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق بولۇپ بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلغانىدى.

ب د ت ئىنسانىي ئىشلار ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مارك لوۋكوك سەئۇدى ئەرەبىستان  يەمەنگە قارىتا يۈرگۈزگەن مۇھاسىر سىياسىتىنى بىكار قىلمىسا ، يەمەندە ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر