رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كېلىشىم ئىمزالىدى

رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھەربىي ساھەدە ھەمكارلىق ئورناتتى.

846512
رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان  كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى.

رۇسىيەنىڭ ھەربىي ۋە تېخنىكا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دىمىترىي سۇگايېۋ روسسىيا 24 ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە باشقا ساھەلەردە كېلىشىم ئىمزالاندى.»

بىراق سۇگايېۋ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ مودېلى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىدى.

ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ ھەربىي ۋە تېخنىكا ئىشلىرى ئىدارىسى مەسئۇللىرى رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ s-400تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى، كېلىشىمنىڭ پات يېقىندا ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر