دونالد ترامپ قول تۇتۇشۇشنى قولاشتۇرالمىدى

دونالد ترامپنىڭ قول تۇتۇشۇش مۇراسىمىدا تەمتىرەپ قېلىشى باشقا رەھبەرلەرنى كۈلدۈرىۋەتتى.

846279
دونالد ترامپ قول تۇتۇشۇشنى قولاشتۇرالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىنىڭ 31 – نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئەنئەنىۋىي قول تۇتۇشۇش پائالىيىتىدە نېمە قىلارىنى بىلەلەمەي تەمتىرەپ قالدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىنىڭ 31 – نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى 21 دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مانىلادىكى خەلقئارا قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دونالد ترامپ رودرىگو دۇتېرتەنىڭ يېنىدا تۇرغان بولۇپ، ئەنئەنىۋىي قول تۇتۇشۇش ئېلان قىلىنغاندا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ كەتتى.

كېسىشمە شەكىللىك قول تۇتۇشۇش مۇراسىمىدا ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ، نېمە قىلالىرىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالغان ترامپ، يېنىدىكى دۇتېرتەنىڭ قولىنى تۇتالماي خېلى قىينالدى.

بۇ ئەھۋال باشقا رەھبەرلەرنى كۈلدۈرىۋەتتى.

باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىگە خاس قول ئېلىشىش شەكلى بىلەن تونۇلغان دونالد ترامپ، بەزىدە ئۇدۇلىدىكى رەھبەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۆزىگە تەرەپكە تارتسا، يەنە بەزىدە قوپال سىلكىشلىرى بىلەنمۇ ئىكرانغا چىقىپ تۇرىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر