ئەردوغاننىڭ كۇۋەيت ۋە قاتار زىيارىتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۇۋەيت ۋە قاتاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
845416
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغاننىڭ كۇۋەيتكە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرىلىرى تاماملانغان كېلىشىملەر ئىمزالىنىدىكەن. قاتار زىيارىتىدە بولسا، تۈركىيە – قاتار ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلىدىكەن. ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.