ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ قىممىتىنى بىلىشى كېرەك

ئامېرىكا كونگرەسىدىكى تۈركىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پېتې سېشېنىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنىڭ قىممىتىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

844769
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ قىممىتىنى بىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «Turkish Heritage Organization» ئامېرىكا كونگرەسىدە «تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى» توغرىسىدا لېكسىيە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. يىغىنغا، كونگرەنىڭ بەزى ئەزالىرىدىن باشقا، كونگرە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشتى.

يىغىندا، كونگرەنىڭ تۈركىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پېتې سېشېنىز سۆز قىلدى. ئۇ: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىتتىپاقچىسىدۇر؛ ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ قىممىتىنى بىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ رايوندا ئاچقۇچلۇق رولىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا، ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچار بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە بىر-بىرىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، تېررورۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د، ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى؛ بۇ سەۋەبتىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زىدىلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى مەسىلىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، ئامېرىكانىڭ بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەكلىكى، ئامېرىكانىڭ ي پ گ بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى چەكلىك سەۋىيەدە قىلىشى كېرەكلىكى ۋە پ ي د نىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن چېپىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى نايك پېنسنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر