ب د ت، تېھران بىلەن رىيادنى جىددىيچىلىكنى پەسكويغا چۈشۈرۈشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنى پەسكويغا چۈشۈرۈش توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

844264
ب د ت، تېھران بىلەن رىيادنى جىددىيچىلىكنى پەسكويغا چۈشۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  باش كاتىپى باياناتچىسى ئىستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «جىددىيچىلىككە سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەت ۋە ئامىللارنى ئازايتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئۆتكەن شەنبە كۈنى يەمەن تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادنىڭ شەرقىي شىمالىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان، ئىراننى يەمەندىكى ھۇسىيلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇنىڭ «بىۋاسىتە ھەربىي ھۇجۇم» ھەتتا «پادىشاھلىققا قارشى ئۇرۇش قوزغاش، دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقى» نى ئېيتقانىدى.

ئىران بولسا، يەمەندىكى ھۇسىيلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر