ترامپ پادىشاھ سەلمان ۋە تەخت ۋارىسى شاھزادىنىڭ سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننى قوللاپ بايانات بەردى.

842514
ترامپ پادىشاھ سەلمان ۋە تەخت ۋارىسى شاھزادىنىڭ سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا كۆپ ساندىكى شاھزادە، مىنىستىر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش دولقۇنى مەسىلىسىدە پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننى قوللاپ بايانات بەردى.

ترامپ تىۋىتتېر ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «پادىشاھ سەلمان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى تولۇق مەنىدە نېمە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلىدۇ» دېدى.

ترامپ ئۇچۇرىدا يەنە، «ناچار مۇئامىلە قىلىنغانلارنىڭ بەزىلىرى يىللار بويىچە دۆلەتلىرىنى ساغدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان باشچىلىقىدا شەنبە كۈنى كېچىسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئالىي كومىتېتى قۇرۇلغان؛ 11 شاھزادە بىلەن 4 ى مىنىستىر كونا – يېڭى ئونلارچە ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

نازارەت ئاستىغا ئېلىش دولقۇنىنىڭ 2009 – يىلىدىكى «خولېرا ۋە جىددەدىكى ئېشىندى سۇ قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار قانۇنسىز قىلمىشلار» دېگەندەك بىردىن كۆپ چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

پادىشاھلىق قارارنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، شەنبە كۈنى كېچىسى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئالىي كومىتېتى، نازارەت ئاستىغا ئېلىش، مال – مۈلۈكنى توڭلىتىش ۋە كېرەكلىك باشقا ئىشلارنى قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، باشلىقلىقىغا پادىشاھ سەلماننىڭ ئوغلى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر