كونگودىكى خۇلېرا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى خۇلېرا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 771 گە كۆپەيدى.

842589
كونگودىكى خۇلېرا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كونگودا ئاڭلىتىش بېرىدىغان «‹ئوكاپى› رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسىملىرىدا ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا باشلانغان خۇلېرا يۇقۇمى 26 رايوننىڭ 21 ىدە تارقالغان بولۇپ، 40 مىڭغا يېقىن كىشى خۇلېرا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇلېرا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە داۋالىغىلى بولىدىغان شارائىتنىڭ يوقلۇقىدىن، خۇلېرا يۇقۇمى تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كەتكەن.

كونگو سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا خۇلېرا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان 38 مىڭغا يېقىن كىشىدىن تەخمىنەن 700 بىمارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر